شىمالىي كورېيەنىڭ ئىتالىيەدە  يوقۇلۇپ كەتكەن باش ئەلچىسى جەنۇبىي كورېيەدە  پاناھلىنىۋاتامدۇ؟

شىمالىي كورېيە دىپلوماتىيە خادىمى جو سوڭگىل 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي كورېيەنىڭ (ئىتالىيە) رىم ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىز دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1504542
شىمالىي كورېيەنىڭ ئىتالىيەدە  يوقۇلۇپ كەتكەن باش ئەلچىسى جەنۇبىي كورېيەدە  پاناھلىنىۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتى ئاخبارات كومىتېتى ئەزاسى خا تەيكېئۇڭ فېيسبۇكتىكى يازمىسىدا، شىمالىي كورېيە دىپلوماتىيە خادىمى جو سوڭگىلنىڭ 2019 - يىلى جەنۇبىي كورېيەگە كەلگەنلىكىنى ۋە كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى يازدى.

خا تەيكېئۇڭ ئۆزىنىڭ كومىتېتقا ۋاكالىتەن جو سوڭگىلنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كومىتېتنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن جو توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بەرمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

خا تەيكېئۇڭ بۇ ئۇچۇرنى قەيەردىن ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچقاندا چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشمە مىنىستىرلىقلىرى بولسا، جو توغرىسىدىكى خەۋەرنى دەلىللىيەلمەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە يېقىنقى 20 يىلدا تەخمىنەن 33 مىڭ شامالىي كورېيەلىكنىڭ قېچىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىتالىيە شامالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 - يىلىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا نارازىلىق سۈپىتىدە، شامالىي كورېيەنىڭ ئەينى چاغدىكى رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇن جوڭنامنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مۇن جوڭنام دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا جو سوڭ گىل ۋاقىتلىق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن ئىدى.

2018 - يىلى نويابىردا خىزمىتىنى تاشلاپ، ئىز دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن شامالىي كورېيە  ئەلچىسى جو ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ 2019 - يىلى 8-ئايدا ئىتالىيەدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر ئىچىدىكى كورېيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى لى يۇنجې: «جو ئىتالىيەدىن ئايرىلدى ۋە بىر يەرلەردە قوغدانماقتا» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر