بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا دائېر يېڭى مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 54 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 36 مىليون 52 مىڭ  ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 27 مىليون 155 مىڭغا يەتتى.

1504248
بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا دائېر يېڭى مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 986 كىشى يېڭىدىن قازا قىلىپ، ئومۇمىىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 104 مىڭ 591 گە يەتتى. ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 72 مىڭ كشىنىڭ كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 6 مىليون 757 مىڭ 132 گە ئۆرلىدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 مىڭ 967 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 527 مىڭ 905 كە يەتتى. ئافرىقا قىتئەسىدە ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن دەسلەپكى 3 دۆلەت؛ رەت بويىچە  682 مىڭ 215 كىشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا، 134 مىڭ 695 كىشى بىلەن ماراكەش، 103 مىڭ 781 كىشى بىلەن مىسىر بولدى.

ماۋرىتىئۇستا كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغانلار قالمىدى. سېيشېل ۋە ئېرىترىيەدە ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغانلار  دوكلات قىلىنمىدى. بۇ ئارىلىقتا جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 5 ۋە مىسىردا 4 سەھىيە مەركىزىدە ۋاكسىنا سىناق تەتقىقاتى خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر