بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا دائىر يېڭى مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 54 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 36 مىليون 52 مىڭ  ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 27 مىليون 155 مىڭغا يەتتى.

1504280
بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا دائىر يېڭى مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 215 مىڭ 836 كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە 7 مىليون 723 مىڭ كىشىنىڭ يۇقۇمللىنىشى بىلەن يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ ئايالى يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئاقسارايدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپىيىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ قېتىم ترامپنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرسى بولغان ستىفېن مىللېرنىڭمۇ  يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىسپانىيەدە ئالدىنقى ھەپتە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 484 كىشى قازا قىلدى. ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 32 مىڭ 486 گە يەتتى. مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە 11 مىڭ 998 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 825 مىڭ 410 غا يەتتى. يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان پايتەخت مادرىدتا، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ مەملىكەت مىقياسىغا ئومۇملىشىشى ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بولغان بارلىق رايونلاردا ۋە يېڭى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر دوختۇرخانىلاردا يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 14 كىشىنىڭ كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى، يېڭىدىن 427 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ۋە دۆلەتتە قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 2 مىڭ 32 گە، يۇقۇملانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 80 مىڭ 312 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر