سېربىيە تۈركىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىشتىنى پىلانلىماقتا

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج تۈركىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1503848
سېربىيە تۈركىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىشتىنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇجىج، پايتەخت بېلگرادتىكى سېربىيە ساريىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «بايراقتار» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تولىمۇ ھەيران قالارلىق ۋە ئىلغار ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە بۇ سىستېمىلاردىن سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ سىستېمىلار تولىمۇ ھەيران قالارلىق ۋە ئىلغار بولۇپ، تۈرك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. دەرۋەقە، دۆلىتىمىز ھەردائىم بىخەتەرلىكىمىزنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئەمما بىز ھېچكىمگە تەھدىت سالمايمىز. بۇ دائىرىدىمۇ تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتىمىز. سېربىيە ھەربىي جەھەتتىن ھەقىقەتەنمۇ بىتەرەپ دۆلەت بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە تېرروتېرىيەسىنى ئۆزى قوغداشنى نىشان قىلماقتا.»

ئۇ يەنە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىلىرىنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىك سېلىنما ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر