بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا دائېر يېڭى مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 46 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 35 مىليون 470 مىڭ  ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 26 مىليون 889 مىڭغا يەتتى.

1503689
بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا دائېر يېڭى مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 884 كىشى يېڭىدىن قازا قىلىپ، ئومۇمىىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 103 مىڭ 600 گە يەتتى. ھىندىستاندا بىر كۈندە 61 مىڭ 267  كشىنىڭ كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 6 مىليون 685 مىڭغا ئۆرلىدى.

رۇسىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 21 مىڭ 663 كە  ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 237 مىڭغا يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 مىڭ 967 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 527 مىڭغا يەتتى. جەنۇبىي ئافرىقا 17 مىڭ 16 كىشى بىلەن ھازىرغا قەدەر كوۋىد -19 دىن ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەن دۆلەتكە ئايلاندى. ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن رەت بويىچە مىسىردا 5 مىڭ 90  ۋە ماراكەشتە 2 مىڭ 369 كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر