ئىراقتا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

ئىراقنىڭ سالاھىدىن، ئەنبار ۋە مۇسۇل ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا 3 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.

1501717
ئىراقتا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىخەتەرلىك ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالاھىدىن، ئەنبار ۋە مۇسۇلنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەنسۇپلىىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، 3 دائېشچى سالاھىدىن شەھىرى ئەتراپىدىكى تارتار ۋادىسىغا قېچىپ كېتىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يەنە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ نىشانى، رايوندا يوشۇرۇنۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۇنسۇرلىرىنىڭ يەر ئاستى ئۇۋىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر