ترامپ كۆچمەنلەر سانىنى 15 مىڭغا چۈشۈرۈش تەكلىپىنى سۇندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2021 – يىلى قوبۇل قىلىنىدىغان كۆچمەنلەر سانىنى 15 مىڭغا كېمەيتىش تەكلىپىنى سۇندى.

1501729
ترامپ كۆچمەنلەر سانىنى 15 مىڭغا چۈشۈرۈش تەكلىپىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ تەكلىپى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا خەلىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. كۆچمەنلەر سانىنىڭ كېمەيتىلىشى، دېڭىز ھالقىغان دۆلەتلەرگە بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۇنغان بۇ تەكلىپ بويىچە ئېيتقاندا، بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى  ئەڭ ئاز رەقەم ھېسابلىنىدىكەن.

ترامپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى يىلىمۇ، ھەر يىلى قوبۇل قىلىنىدىغان كۆچمەنلەر سانىنى 45 مىڭدىن تەدرىجىي ھالدا 18 مىڭغا چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر