ئىران قاراباغنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

ئىراننىڭ تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەردەبىل شەھىرىدە ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى داغلىق قاراباغنى قوللاش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن پائالىيەتچىلەردىن 11 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1500584
ئىران قاراباغنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئەردەبىل شەھىرىدىكى جىرال باغچىسىغا تاغلىق قاراباغنى قوللاش مەقسىتىدە توپلانغان پائالىيەتچىلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغان.

ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە تارقاقلاشتۇرۇلغان پائالىيەتچىلەردىن 11 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەبرىز، ئەردەبىل ۋە ئۇرۇمىيە قاتارلىق ئازەرىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ شەھەرلەردىكى ئازەرىلەرنى تاغلىق قاراباغدىكى ئىشغالىيەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر