بايانات: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئەرەبىستانيەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ يەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1500629
بايانات: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئەرەبىستانيەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋىيېتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەمەن زېمىنىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ، ھۇسىيلارنىڭ 2014 - يىلى 9 - ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي ئارىلىشىش نىشانىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا، «ئادەن (جەنۇب) ۋە سوكوترا ئارىلى (شەرق) دىكى قوزغىلاڭنى قوللاش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بۇ رايونلاردىن چىقىرىۋېتىش ۋە يەمەن دۆلىتىنىڭ نازارىتىنىڭ سىرتىدا قوراللىق كۈچ تەشكىللەش» قاتارلىق قەدەملەرنىڭ يەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئايرودۇرۇم، پورت قاتارلىق مەركەزلەرنى كونترول قىلىشنىڭ ۋە چەت ئەل كۈچلىرىنى دۆلەتكە ئېلىپ كىرىشنىڭمۇ يەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، ««سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 133 كە يېقىن دوختۇرخانا، 80 كۆۋرۈك ۋە 4000 دىن ئارتۇق بېكەتنى ۋەيران قىلىپ، يەمەننىڭ ئۇل - ئەسلىھەلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى ۋە ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلار خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر