ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى 1-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي ئاقدېڭىز ۋەزىيىتى، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە بېلارۇسىيە مەسىلىسى قاتارلىق ھەر خىل كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشىدۇ.

1500012
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى 1-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي ئاقدېڭىز ۋەزىيىتى، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە بېلارۇسىيە مەسىلىسى قاتارلىق ھەر خىل كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ 1-2-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدىكى يىغىنىدا، ئاساسلىقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر تالاش-تارتىش قىلىنىدۇ.

كۈنتەرتىپنىڭ ئاساسىي ماددىسىنى تەشكىل قىلىدىغان شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، خىتاي، بېلارۇسىيە ۋە رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىي (Aleksey Navalnıy) نىڭ زەھەرلىنىشى بىلەن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

يىغىندا يەنە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دىن كېيىنكى ئىقتىساد، يالغۇز بازارنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ ئىلغار سانائەت سىياسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دىجىتاللىشىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش مەسىلىلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر