ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجانغا ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

1499401
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا قارىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى تەكرارلىنىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ھۇجۇملىرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن باياناتتا، تەشكىلاتنىڭ ئەزەربەيجان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى ئىشغال قىلىنغان ئەزەربەيجان زېمىنىدىن شەرتسىز چېكىنىشكە چاقىرىلغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالىرىغا، زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

ئالدىنقى كۈنى (9- ئاينىڭ 27- كۈنى) ئەتىگەندە ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسنىڭ ئەزەربەيجان ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئوق چىقىرىشىدىن كېيىن توقۇنۇش باشلىنىپ كەتكەنىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلارنى ئىشغالدىن ئازاد قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر