مىسىر سوتى 6 ئۆكتىچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
مىسىردىكى بىر يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، 2013 - 2015 - يىللىرىدا 3 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان 6 ئۆكتىچى جاۋابكارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ماقۇللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى - مېنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر يۇقىرى سوتى، خەلق ئىچىدە «قىرداسە خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر دېلودىكى 6 جاۋابكارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئەرزنى رەت قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلو دائىرىسىدە سوتلىنىۋاتقان 7 جاۋابكارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى (25 يىل) نى 10 يىلغا قىسقارتىشنى قارار قىلغان.
مىسىر قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ شەكىلدىكى <ھەل قىلغۇچ > قارارلارغا قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنغىلى بولمايدۇ.
قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، 2019 - يىلى 8 - ئايدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، 6 ئۆكتىچى جاۋابكارنى 2013 - 2015 - يىللىرىدا 3 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ۋە قوراللىق شايكا قۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.