شىۋېيتسارىيەدە ئەركىن ئايلىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپى رەت قىلىندى

شىۋېيتسارىيەدە تۈنۈگۈن (2020-يىلى 27-سېنتەبىر) ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن ئايلىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپى رەت قىلىندى.

1498579
شىۋېيتسارىيەدە ئەركىن ئايلىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بەش رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى. رېفېراندومدا ھەيران قالارلىق ئەھۋال كۆرۈلمىدى، قاتنىشىش نىسبىتى %60 ئەتراپىدا بولدى.

بېلەت تاشلىغۇچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن ئايلىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپىنى %61.7 ئاۋاز بىلەن رەت قىلدى.

ئوڭچى شىۋېيتسارىيە خەلق پارتىيەسى بىلەن كۆچمەنلەرگە قارشى گۇرۇپپىلار قوللىغان تەكلىپ، بۇ دۆلەتتىكى 26 كانتوننىڭ تۆتىدە قوللاشقا ئېرىشتى.

يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش تەكلىپى بولسا، %49.8 گە قارشى %50.2 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.بۇنىڭ بىلەن، شىۋېيتسارىيە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىغا 2040-يىلىغىچە مىلياردلارچە فرانك قىممىتىدە ئونلارچە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدى  ئېچىلغان بولدى.

ئىككى ھەپتىلىك دادىلىق رۇخسىتىمۇ %60.3 بىلەن قوبۇل قىلىندى.

بېلەت تاشلىغۇچىلار يېڭى ئوۋ ئوۋلاش قانۇنىنى %51.9، باج مەلۇم قىلىشتا «بالا ئىتىبارى» مىقدارىنى يۇقىرىلىتىش تەكلىپىنى %63.2 ئاۋاز بىلەن رەت قىلدى.

شىۋېيتسارىيەدە تەخمىنەن 5.4 مىليون سايلىغۇچى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر