ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

ئۇكرائىنادا ھاركوۋ ۋالىيسى ئالېكسېي كۇچېر جۈمە كۈنى ھاركوۋدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1498058
ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇكرائىنا «‹ئۇكرىنفورم› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قارا قۇتا تېخىچە تەكشۈرۈلمىگەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىرى يېشىلىدىكەن. بۇ ئارىلىقتا، ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى توپلاش پائالىيەتلىرىمۇ داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ھاركوپ رايونىدا، جۈمە كۈنى، «AN-26»  تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر كىشى ئېغىر يارىلانغانىدى.

مەشىق قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا، ئۇچقۇچىدىن سىرت يەنە، ھاركوۋ ھاۋا ئارمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر