ئىسرائىلىيەلىك سابىق مىنىستىرنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلىغانلىقى پاش قىلىندى

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى موشې داياننىڭ، 1969 – يىلى مىسىرنىڭ «سىنا يېرىم ئارىلى» دا تارىخىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاۋاتقاندا تارتىلغان فوتو سۈرىتى ئېلان قىلىندى.

1497969
ئىسرائىلىيەلىك سابىق مىنىستىرنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلىغانلىقى پاش قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «‹Maariv› گېزىتى»، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەدە 1967 – 1974 – يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان موشې داياننىڭ، مىسىرنىڭ «سىنا يېرىم ئارىلى» غا جايلاشقان سەرابىت ئەلخادىم رايونىدا تارىخىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاۋاتقاندا تارتىلغان فوتو سۈرىتىگە ئورۇن بەردى.

فوتو سۈرەتنىڭ، ئىسرائىلىيەلىك سابىق باش مىنىستىر داياننىڭ تارىخىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلىغانلىقىنىڭ دەلىل – ئىسپاتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، دايان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ، مىسىر ئارخېئولوگىيە رايونىدىن تالان – تاراج قىلغان يادىكارلىقلار قاچىلانغان سومكىلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر