رەسۇلەيندە يۈز بەرگەن  ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رەسۇلەين ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1497919
رەسۇلەيندە يۈز بەرگەن  ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ جەيلانپىنار ناھىيەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە تېرروتېرىيەسىگە جايلاشقان رەسۇلەين ناھىيەسى مەركىزىدە بۆلگۈنچى يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا، بىرى بالا بولۇپ،  6 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 3 پۇقرا يارىلاندى.

رەسۇلەيندە ئىككى كۈن ئىلگىرىمۇ ئارقىمۇئارقا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ، ئىككى پۇقرا قازا قىلغان، 11 پۇقرا يارىلانغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان يەرلىك خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قارىشىچە، ھۇجۇمنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

رەسۇلەين ناھىيەسى مەركىزى، 2019 – يىلى 12 – ئۆكتەبىر كۈنى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورىزمدىن تازىلانغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ي پ گ /پ ك ك ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەين ئىسا ۋە تەلئەمىر رايونلىرىدىن پات – پات رەسۇلەين ۋە تەلئەبيادتىكى پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر