مىسىر ساقچىلىرى 3 نامايىشچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مىسىر خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ «غەزەپ جۈمەسى» نامايىشىغا قىلغان مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە جىزە رايونىدا 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1497677
مىسىر ساقچىلىرى 3 نامايىشچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرلىق ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن «غەزەپ جۈمەسى» نامايىشى جەريانىدا جىزە رايونىدا 3 كىشىنىڭ ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسپانىيەدە ياشايدىغان مىسىر ئۆكتىچىسى مۇھەممەد ئەلى تىۋىتتېر ھېسابىدا «تىنچ نامايىشقا قارىماي، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى (جىزە گە قاراشلىق) ئەل  -  ئىيادتا 3 ئادەمنى ئۆلتۈردى» دېدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) غا قاراشلىق «ۋەتەن» تېلېۋىزىيەسىمۇ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە سامى ۋەفدى سەيىىد بەشىر، رىزا مۇھەممەد ھامىد ئەبۇ ئىمام ۋە مۇھەممەد ناسىر ھەمدى ئىسمائىل قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.

مىسىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرى ئاممىنى كوچىلارغا چىقىپ، تۈنۈگۈن پىلانلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى «غەزەپ جۈمەسى» نامايىشىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر