ۋېنگىرىيە: يېڭى كۆچمەنلەر پىلانىنى قوبۇل قىلمايمىز

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى پىلانىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1497395
ۋېنگىرىيە: يېڭى كۆچمەنلەر پىلانىنى قوبۇل قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، چېخىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج بابىس ۋە پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇسز موراۋېسكى بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولغان ئوربان، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى پەقەت ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى پىلانىدىكى ئۆلچەم، ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا ئۆلچەم بولۇپ، ۋېنگىرىيە بۇ پىلاننى قوبۇل قىلمايدۇ.»

پىلاندا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قانۇنسىز ھالدا ھېچكىمنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتقان ئوربان، «پىلاندا، كۆچمەنلىكنى كونترول قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنمەكتە، ئەمما ۋېنگىرىيەنىڭ نىشانى، كۆچمەنلىكنى توختىتىشتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر