لاۋورۋ: «ئاستانا فورماتسىيەسى» مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ «ئاستانا فورماتسىيەسى» نىڭ سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1497153
لاۋورۋ: «ئاستانا فورماتسىيەسى» مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن پايتەخت موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولغان لاۋورۋ، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سۆھبەت مەسىلىسىدە، «ئاستانا فورماتسىيەسى» نىڭ سۈرىيەلىكلەر ئارا ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، «ئاستانا فورماتسىيەسى» نىڭ سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى مەسىلىسىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيە، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى مەسىلىسىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋالدۇر. چۈنكى ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفمۇ، «ئاستانا فورماتسىيەسى» نىڭ سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەدە توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى بەرپا قىلىش نىشان قىلىنغان «ئاستانا فورماتسىيەسى»، 2017 – يىلى مايدا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئىمزالىغان كېلىشىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر