خالىلزاد ئىران بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسى مەسىلىسىدە، ئىران بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىرىنى ئېيتتى.

1497285
خالىلزاد ئىران بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا تىنچلىق ئىنىستىتۇتىدا ۋىدېئو كونفېرانس شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پىروگراممىدا، ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

بۇ دائىرىدە ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسى مەسىلىسى بويىچە كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خالىلزاد: «ئىران، ئامېرىكا بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگىچە بىزنى غايەت زور بەدەل بىلەن ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز ئىرانلىقلارغا ئافغانىستان مەسىلىسىدە كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاندا ئىرانغا يېقىن قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ئامېرىكاغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ئەھۋالدا، بۇ گۇرۇپپىلارغا زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىراننىڭ يېرىم غەيرىي رەسمىي «فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى» دا بىلدۈرۈلۈشىچە، خالىلزادنىڭ باياناتلىرىغا، تۇنجى بولۇپ ئىراننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى ئىبراھىم تاھىرىيان فەرد ئىنكاس قايتۇردى.

ئىبراھىم تاھىرىيان فەرد ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنى رەسمىي ۋە روشەن ھالدا قوللىغانلىقلىرىنى ۋە ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرىلىتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ خالىلزادنىڭ تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى رولى ھەققىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2019-يىلى دېكابىردا قايتىدىن باشلانغان ئۇچرىشىشلار، «زوراۋانلىقنىڭ ئازايتىلىشى» نامى ئاستىدا ئۇرۇش توختىتىش قارارى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. 2020-يىلى 22-فېۋرال باشلانغان يەتتە كۈنلۈك مۇساپىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى 29-فېۋرال تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى. كېلىشىم، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن بىۋاستە تىنچلىق ئۇچرىشىشىنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.

2020-يىلى 12-سېنتەبىردە قاتار پايتەختى دوھادا باشلانغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ئۇچرىشىشى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر