خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلگە سەھنە بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچى ۋە يۇقۇمدىن كېيىنكى ياخشىلىنىش مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئولتۇرۇشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جېدەلگە سەۋەب بولدى.

1497385
خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلگە سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كېللىي كرافت، خىتاي ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ دۆلىتىنى تەنقىد قىلىشىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا نومۇس. مەن بۈگۈنكى يىغىننىڭ مەزمۇنىدىن نەپرەتلەندىم، مەن بۇ كېڭەشتىن نومۇس قىلىمەن. ئالدىمىزدىكى ھالقىلىق مەسىلىگە ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئۆچمەنلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ھەقىقەتەنمۇ نومۇس قىلارلىق ئىشتۇر.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى مەسىلىسىدە ئوچۇق – ئاشكارا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن كرافت، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ««ئاممىباب بولمىغان، قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا توغرا ئىش قىلىمىز.»

كرافتنىڭ سۆزلىرىگە كېچىكتۈرمەستىن جاۋاب قايتۇرغان خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «سىياسىي ۋىرۇس ۋە ئۇچۇر بۇلغىنىشى تارقىتىش، توقۇنۇش ۋە بۆلۈنۈش پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «بولدى بەس، سىلەر دۇنيا ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىىجىدە ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلدىڭلار. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرالماسلىقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۆلۈپ كەتكۈچىلەر سانى ئامېرىكادا شۇنچە كۆپ؟ ئامېرىكا سىياسىيونلىرى باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن، بۇ سوئاللارغا سەمىمىي جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەگەر بەزىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلماقچى بولسا، بۇ دەل ئامېرىكالىق بىرقانچە سىياسەتچى، خالاس. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتكە قارشى بولۇپ، تامامەن يالغۇز قېلىۋاتىدۇ، ئەمدى ئويغىنىڭلار.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس بولسا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى»  نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەييارلىق، ھەمكارلىق ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ چوڭ پالاكەتلەرگە، ئوخشاش شەكىلدە بۆلۈنۈش ۋە قالايمىقانچىلىق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىسا، ئەڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر