كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيەدىن ئەپۇ سورىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن خادىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبى بىلەن، جەنۇبىي كورېيەدىن ئەپۇ سورىدى.

1497142
كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيەدىن ئەپۇ سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە يونھاپ ئاگېنتلىقى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئەپۇ سورىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كىم جوڭئۇننىڭ جەنۇبىي كورېيەگە ئەۋەتكەن.

كىم جوڭئۇن تېلېگراممىسىدا: «كۈتۈلمىگەن ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت مۇن جائىن ۋە زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بېشىدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز چېگراسىدىكى يېنوپيوڭ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن جەنۇبىي كورېيە دېڭىز-ئوكيانلار ۋە بېلىقچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

كىم جوڭئۇن تېلېگراممىسىدا، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز چېگراسىدا 500 توننالىق پاراخوت چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، قولۋاقتا دېڭىزغا چۈشۈپ يوقاپ كەتكەن خادىمنىڭ شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا: «ئارمىيە تەرەپنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىستىخبارات ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە دېڭىز تەۋەلىكتە كۆرۈلگەن ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتنى كۆيدۈرۈپ، زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى. بىز بۇ ۋەھشىيلەرچە قىلىنغان جىنايەتنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شىمالىي كورېيەنى بايانات ئېلان قىلىشقا ۋە جاۋابكارلارنى جازالاشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر