ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى  ئىزدەش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلايدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1496647
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېيېن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەردوغان بىلەن شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە «ئىنتايىن پايدىلىق» پىكىر ئالماشتۇرۇشتا بولغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى  ئىزدەش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلايدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. دەرۋەقە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىجابىي مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر