تۇنجى سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتى مۇكاپاتى پىروفېسسور بارزىلايغا بېرىلدى

«ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل مۇكاپاتى» ئامېرىكالىق پىروفېسسور رېگىنا بارزىلايغا بېرىلدى.

1496778
تۇنجى سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتى مۇكاپاتى پىروفېسسور بارزىلايغا بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتابى ئامېرىكاغا جايلاشقان سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتى، «ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل مۇكاپاتى»نى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق راكقا دىياگنوز قويۇش ۋە دورا ئىجاد قىلىش ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكالىق پروفېسسور رېگىنا بارزىلايغا بەردى.

ماسساچۇسېتس سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كومپيۇتېر ئىلىمى ۋە سۈنئىي ئەقىل تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەيدىغان پىروفېسسور بارزىلاي، مەزكۇر مۇكاپات بىلەن بىرلىكتە 1 مىليون دوللار نەق پۇلغا ئېرىشتى.

2014 - يىلى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتىنى بۇ ساھەگە مەركەزلەشتۈرگەن بارزىلاينىڭ سۈنئىي ئەقىلگە تايىنىپ ياساپ چىققان بالدۇر دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرى ئامېرىكا، شىۋېتسىيە ۋە تەيۋەندىكى دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈملىرىدە ئىشلىتىشكە باشلىغانىدى.

بۇ مۇكاپات بۇ يىل تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بولۇپ، نوبېل ئاساسىي پەنلەر مۇكاپاتى ۋە كومپيۇتېر ئىلمىدىكى بۇرۇلۇش مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئىلگىرىلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ خىزمىتىگە ئىلھام بېرىش ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىغا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر