قاراداغى مىسىر ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى ئەل قاراداغى، مىسىر ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە جاۋاب بېرىشكە چاقىرىپ، نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ «ھارام» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1496172
قاراداغى مىسىر ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى ئەل قاراداغى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق مىسىردا پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

قاراداغى، تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ بارلىق خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەردە كۆرسىتىلگەن قانۇنلۇق ھوقۇق ئىكەنلىكىنى، نامايىشچىلارنىڭ ناھەقچىلىككە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتلەرگە، ئۆي- ماكانلىرى ۋە مەسچىتلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىغا قارشى چىققانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تەلەپلەرگە قاراپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قىلىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان قاراداغى، مىسىردىكى شان - شەرەپلىك ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى مىسىر خەلقى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

ئىسپانىيەدە ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىسىرلىق ئۆكتىچى مۇھەممەد ئەلى، ئۆتكەن يىلى 20 – سېنتەبىردە مىسىر خەلقىگە قىلغان «پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى تۈزۈمىگە قارشى نامايىش قىلىش» چاقىرىقىنى نامايىشلارنىڭ بىرىنچى يىلى بولغان يەكشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنىدى.

ئەلى دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى.

مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ مەيدانلارغا چىققان يۈزلەرچە نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر