ماكرون: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، «بىز تۈركىيەنى ھۆرمەتلەيمىز ۋە تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييارمىز» دېدى.

1495630
ماكرون: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمى سەۋەبىدىن  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى.

شەرقىي ئاقدېڭىزدا توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئېممانۇئېل ماكرون، بۇ چاقىرىقنىڭ كورسىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز تۈركىيەنى ھۆرمەتلەيمىز ۋە تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييارمىز... بىز ياۋروپالىقلار، دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر