ھىندىستاندا بىنا ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 35 كە يەتتى

ھىندىستاندا 4 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتتى.

1495989
ھىندىستاندا بىنا ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 35 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماخاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ سودا مەركىزى بومبايغا يېقىن بھىىۋاندى رايونىدا، 21-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنادىن يەنە 15 جەسەت چىقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتكەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەم دېگەندە 8 كىشى خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندرا مودى، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر