خىتاي ئوكيان كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بەردى
خىتاي ئۈچىنچى ئوكيان كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى.
1495285
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەي ياڭ (ئوكيان) -2C سۈنئىي ھەمراھى، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چيۇچېن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن، (ئۇزۇن سەپەر) -4B راكېتاسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن.
خىتاي ئالەم بوشلۇقى ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان HY-2C، دېڭىز-ئوكيانلارغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن HY-2B ۋە HY-2D سۈنئىي ھەمراھلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدىكەن.
خىتاي ئالدىنقى ھەپتە ئالەم بوشلۇقىغا 9 سۈنئىي ھەمراھ يوللىغانىدى.