ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا، ئىسلاھات سادالىرى ياڭرىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، مالايشىيا باش مىنىستىرى ۋە قاتار ئەمىرى قاتارلىق رەھبەرلەر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسلاھاتنى چاقىرىق قىلدى.

1495211
ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا، ئىسلاھات سادالىرى ياڭرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق چاقىرىقىدا، 21-ئەسىرنىڭ دۇنياۋى قىيىنچىلىقلىرىنى يىڭىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېنىق قارار ئېلىش كېرەك بولغاندا، كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بىز ئىسلاھاتقا ئېھتىياجلىق» دېدى.

ئۇ گېرمانىيەنىڭ كېڭەيتىلگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۈستىگە مەسئۇلىيەت ئېلىشقا مەمنۇنلۇق بىلەن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت نىڭ پەقەت ئەزالىرى ئوخشاش پىكىرگە كەلگەن ئەھۋالدىلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ، ب د ت نى غايىسىدىن ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۆز ئالدىغا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايدىغانلار خاتالىشىۋاتىدۇ. پاراۋانلىقىمىز ۋە دەرتلىرىمىز بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. بىز بىر دۇنيادا ياشايمىز» دېدى.

مالايشىيا باش مىنىستىرى مۇھيىددىن ياسىنمۇ ئىسلاھاتنى چاقىرىق قىلدى.

ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ۋىدېئو ئەۋەتكەن باش مىنىستىر مۇھيىددىن ياسىن، سۆزىنى ب د ت 75-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋولكان بوزقىرنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىدى.

ئۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن بۈگۈنگىچە ئىمزالانغان كېلىشىملەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى يېقىنقى يىللاردا بەزى دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىملەرنى نەزەرگە ئالمايۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولۇتىمىز. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەلەردىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ب د ت نىڭ كىشىلەرنى ئۇرۇشنىڭ بالايى-ئاپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇشتا مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىغان ئۇرۇش ۋە ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلدرۈدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ب د ت بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلات ئىسلاھات قىلىنىشى شەرت.»

ئۇ دۇنيانىڭ ب د ت غا بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭ ئۈچۈن، ب د ت تېخىمۇ ياخشى قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى ۋە سىياسىي رامكىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئىزچىل ياردەم قىلىشى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.»

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، دۇنيا خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولۇش مەسىلىسىدە ۋە قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى مېخانىزملاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى چاقىرىق قىلدى.

شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بەش دۆلەتنىڭ بىرىنىڭ قارارى بىلەن، ئېلىنىشى كېرەك بولغان خەۋپسىزلىك قارارلىرىنىڭ مۇئەللەقتە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىچكى نىزامنامىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا قوش ئۆلچەمدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «ب د ت ھازىرمۇ پىرىنسىپلىرىنى ئەزا دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇش مېخانىزىملىرىنى تېپىشتا ئاجىز ئەھۋالدا تۇرماقتا. ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ۋە ھاياتىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە كۈچنىڭ ھوقۇقى، ھەق-ئادالەتنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن بولماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر