لىۋىيە دۆلەتلىك ئالىي كېڭىشى رەئىسى ھافتەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قارشى چىقتى

لىۋىيە دۆلەتلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد ئەل مىشرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەر بىلەن دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1494365
لىۋىيە دۆلەتلىك ئالىي كېڭىشى رەئىسى ھافتەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خالىد ئەل مىشرى لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەس سەرراجقا يازغان خېتىدە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەھمەد مۇئايتىك بىلەن ھافتار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ سۇھەيرات كېلىشىمىگە ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشىمگە دائىر جىددى تەكشۈرۈش باشلاشنى تەلەپ قىلدى.

خالىد ئەل مىشرى مەزكۇر كېلىشىمگە «ئاۋام پالاتاسى، دۆلەت كېڭىشى، پرېزىدېنت كېڭىشى ۋە لىۋىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىق» دەپ باھا بەردى.

ئىقتىسادى پۈتۈنلەي دېگۈدەك نېفىتنى ئاساس قىلىدىغان لىۋىيەدە، ھىدرو كاربون بايلىقىنىڭ تەخمىنەن% 80 ى دېگۈدەك ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شەرقىي رايونلاردىن چىقىدۇ.

ھافتەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ قوبۇل قىلىنغان لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى نېفىتنى كۇزىر ئورنىدا ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەتكە تەۋە كىرىمىنى ئازايتىش مەقسىتىدە كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارنىڭ نېفىت ساھەلىرىنى يانۋار ئېيىدا تاقىۋالغان ئىدى.

ھافتەر 8 ئايدىن بۇيان تاقىۋالغان نېفىت ساھەلىرىنى جۈمە كۈنى قايتىدىن ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇنداقلا نېفىت كىرىمىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان كېرەكلىك شارائىت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر