ئامېرىكادا كۆچمەنلەرگە قىلىنىۋاتقان ناھەقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە كۆچمەنلىك ۋە تاموژنا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا 50 دىن ئارتۇق نامايىشچى نازارەتكە ئېلىندى.

1493937
ئامېرىكادا كۆچمەنلەرگە قىلىنىۋاتقان ناھەقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ-يوركتىكى ئەڭ ئاۋات رايونلارنىڭ بىرى بولغان ۋاقىت مەيدانىغا توپلانغان يۈزلىگەن نامايىشچى، «ICE» ئورگىنى تەرىپىدىن  قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كۆچمەنلەرگە قارشى ئىجرائاتلارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ بەزىلىرى نيۇ-يورك ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، نامايىشقا قاتناشقان كەم دېگەندە 50 كىشى قولغا ئېلىندى.

ئامېرىكادا «ICE ئورگىنىنى تاقا!» دېگەن شوئار ئاستىغا توپلانغان بىر گۇرۇپپا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆچمەنلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئايرىۋىتىلىشىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش تەشكىللىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر