ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا «زەھەرلىك مەكتۇپ» ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، پوسۇلكانىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاقسارايغا ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە تاپشۇرۇۋالغۇچى سۈپىتىدە تىرامپنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1493916
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا «زەھەرلىك مەكتۇپ» ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە پرېزىدېنتنى قوغداشقا مەسئۇل مەخپىي مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ مەكتۈپنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى ۋە ئىككى خىل سىناق نەتىجىسىدە، رىسىن ماددىسىنىڭ بارلىقى جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ مەكتۇپنىڭ ۋاشىنگتوندىكى پوچتىخانىدا كونترول قىلىش جەريانىدا بايقالغانلىقى ۋە ئاقسارايغا بارمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا مەسىلە ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز پرېزىدېنتنى قوغداشقا مەسئۇل مەخپىي مۇلازىمەت ئورگىنى ۋە ئامېرىكا پوچتىخانىسىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن قولغا چۈشۈرۈلگەن خەت ئۈستىدە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ھازىر جامائەت خەۋىپسىزلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان بىر ئەھۋال يوق» دېدى.

چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك ياكى كىسلاتا شەكلىدە ئەۋەتىلىشكە بولىدىغان رىسىن ماددىسى كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئاشقازان بىلەن ئۈچەيدە ئىچكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، جىگەر، تال ۋە بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەمدە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىىش ئىقتىدارىغا ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر