ئامېرىكا خىتاينىڭ «TikTok»  ئەپىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى بىر ھەپتە كېچىكتۈرىدىغان بولدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ  خىتاينىڭ «ByteDance» شىركىتىگە تەۋە «TikTok»  ئالاقە سۇپىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1493932
ئامېرىكا خىتاينىڭ «TikTok»  ئەپىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى بىر ھەپتە كېچىكتۈرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا تەۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «TikTok» نىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسىنى «Oracle-Walmart» شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسى ھەققىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقى «TikTok» نى چەكلەشكە دائىر بايانات ئېلان قىلدى.

كۆرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئاساسەن ۋە تىرامپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسنىڭ 20 - سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلماقچى بولغان «TikTok» نى چەكلەش ئۇقتۇرۇشىنىڭ 27 - سېنتەبىرگە كېچىكتۈرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 18 -  سىنتەبىردە، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ، خىتايغا تەۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىدىن «TikTok» ۋە «WeChat» نى 20 - سېنتەبىردىن ئېتىبارەن چۈشۈرۈپ قاچىلاش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بۇ ئەپلەرنىڭ كۆچمە قوللىنىشچان دۇكانلار ئارقىلىق پۇل يۆتكەش ۋە پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

باياناتتا، 12 - نويابىرغىچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشە ھەل قىلىنغان تەقدىردە، ترامپنىڭ بۇ چەكلىمىلەرنى بىكار قىلالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر