فىرانسىيەنىڭ ئابىجداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جىنسىي جىنايەت سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى

فىرانسىيەنىڭ ئابىجداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گىللېس خۇبېرسوننىڭ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتى بىلەن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرلدى.

1493925
فىرانسىيەنىڭ ئابىجداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جىنسىي جىنايەت سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، خۇبېرسوننىڭ ئالدىنقى ھەپتە پىل چىشى ساھىلىنىڭ ئابىجدان شەھىرىنى تاشلاپ، پارىژغا قايتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە 31- ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان فىرانسىيەنىڭ پىل چىشى قىرغىقىدىكى باش ئەلچىسىنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن چېكىندۈرۈلمىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

«Mediapart» تورىنىڭ ئالاھىدە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇبېرسون جىنسىي زوراۋانلىق ۋە باشقۇنچىلىق بىلەن 5 ئايال تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىچكى تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، خۇبېرسوننىڭ 2013- ۋە 2016-يىللىرى ئارىسىدا مالىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەگىلدە شۇنداقلا  2017 - يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن پىل چىشى ساھىللىرىدا ئايال خىزمەتداشلىرىغا جىنسىي ۋە ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر