رۇسىيە خىتاي چېگراسىدىكى ھەربىي رايونىنى كۈچەيتىدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ (Sergey Şoygu) مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرق ھەربىي رايونىدىكى كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1493039
رۇسىيە خىتاي چېگراسىدىكى ھەربىي رايونىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ خىتاي چېگراسىغا جايلاشقان شەرق ھەربىي رايونىدىكى ئايروپىلان ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەسىنىڭ ئىككى دانىسىگە «S-400» سىستېمىلىرىنىڭ سەپلىنىدىغانلىقىنى، يەنە ئىككى دانە ئايروپىلان ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەسىگە بولسا «Buk-M1-2» سىستېمىلىرىنىڭ سەپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇشۇ يىل (2020) ئاخىرىغىچە رايونغا يېڭى 500 ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بولۇپمۇ، ئۇ يەردىكى ئايروپىلان ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەسىنىڭ ئىككى دانىسىگە S-400 سىستېمىلىرى، يەنە ئىككى دانىسىگە «Buk-M1-2» سىستېمىلىرى سەپلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ كېلەر يىلى (2021) شەرق رايونىدىكى ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شەرق رايونلىرىدا ھەربىي-سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يۈز بەرگەن تەھدىتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تۈزۈلۈۋاتىدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق بەش ھەربىي رايونىدىن بىرى بولغان شەرق ھەربىي رايونىنىڭ مەركىزى خىتاي چېگراسىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان خاباروۋسك (Habarovsk) شەھىرىگە جايلاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر