يەمەنلىك ئاياللار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەبيەن شەھىرىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سوقوترا ئارىلىدىكى «مۇستەملىكە پىلانلىرى»غا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

1492283
يەمەنلىك ئاياللار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبيەن شەھىرىگە قاراشلىق زەنجىبار ناھىيەسىدىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاياللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سوقوترا ئارىلىدىكى ھەرىكەتلىرىگە ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورمالاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىننىڭ بايرىقى كۆتۈرۈلۈپ، ئىسرائىلىيە بايرىقى كۆيدۈرۈلگەن نامايىشتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سوقوترا ئارىلىدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنىپ شوئارلار توۋلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر