لىۋىيە باش مىنستىرى ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج كېلەر ئاي (2020-يىلى ئۆكتەبىر) نىڭ ئاخىرى ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1492205
لىۋىيە باش مىنستىرى ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا خەلققە خىتاب قىلىپ: «ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى ئەڭ كېيىن بولغاندا ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن» دېدى.

ئۇ ماراكەشنىڭ بۇزنىكا شەھىرىدە 6-10-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە لىۋىيە كىرىزىسىدىكى سىياسىي تەرەپلەرنى ئۇچراشتۇرغان «لىۋىيە دىيالوگى» ئۈستىدە توختىلىپ: «لىۋىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ب د ت باشچىلىقىدا مۇزاكىرەلەر ۋە ئۇچرىشىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى ۋە تېخىمۇ كەڭ مۇرەسسەگە، كېلىشىمگە ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلىمەن. يېڭى سىياسىي ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش، دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە پارلامېنت بىلەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن يېڭى مۇساپىنىڭ ئاساسىغا تەييارلىق بولدى. بىۋاستە سايلام ئۆتكۈزۈش كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدىكى ھەر قانداق مۇرەسسەلەرنىمۇ قوللايمەن» دېدى.

ئۇ ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«ھۆكۈمەتتىكى ھوقۇقۇمنى ئەڭ كېيىن بولغاندا ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن. بۇ جەرياندا دىيالوگ كومىتېتى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان، يېڭى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى سايلانغان ۋە ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان يېڭى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر