گۇتېررېس: قىبرىس سىياسىي مۇساپىسىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، قىبرىس سىياسىي مۇساپىسىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1492165
گۇتېررېس: قىبرىس سىياسىي مۇساپىسىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كاپالەتچى دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن سىياسىي مۇساپىنى قايتا باشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گۇتېررېس، 22 – سېنتەبىردە باشلىنىدىغان ب د ت 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ، قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىزدە دىپلوماتىك قەدەملەرنى تاشلاشتىن بۇرۇن شىمالىي قىبرىستا (ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان) سايلامنى ساقلىشىمىز كېرەك دېگەن ئورتاق تونۇش بار ئىدى. سايلاملار تۈگىگەن ھامان كاپالەتچى (دۆلەت)لەر (تۈركىيە، گىرېتسىيە ، ئەنگلىيە ) ۋە (تۈرك ۋە رىم) ئىككى تەرەپتىن تەركىب تاپقان 5 مۇھىم ئاكتىيور بىلەن سىياسىي مۇساپىنى قايتا باشلاشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى.

گۇتېررېس يەنە، تەرەپلەرنى سىياسىي مۇساپىگە خەتەر يەتكۈزىدىغان بىر تەرەپلىمە قەدەملەرنى تاشلاشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.


خەتكۈچ: #قىبرىس , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر