فىرانسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ژۇرنالىست «‹Liberation› گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولدى

فىرانسىيەدە سول قاناتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان «‹Liberation› گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىگە بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ژۇرنالىست دوۋ ئالفون سايلاندى.

1492559
فىرانسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ژۇرنالىست «‹Liberation› گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ  «‹Haaretz› گېزىتى» نىڭ پارىژ مۇخبىرى ۋە مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئالفون، تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسىدە، «‹Liberation› گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىگە تەيىنلەندى.

گېزىتنىڭ 212 خىزمەتچى – خادىمى بېلەت تاشلىغان ۋە 188 ئاۋازغا ئېرىشكەندىن كېيىن، لائۇرېنت جوفرىندىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان 59 ياشلىق ئالفون، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات بۆلۈمىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر