ياپونىيە يېڭى باش ۋەزىرىنى سايلىدى

ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سۇگا يۆشىخىدې، ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە يىغىندا دۆلەتنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ سايلاندى.

1491756
ياپونىيە يېڭى باش ۋەزىرىنى سايلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەتنىڭ يېڭى باش ۋەزىرىنى سايلاش ئۈچۈن بىر بىر يەرگە جەم بولدى.

سۇگا يوشىخىدې ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى قارمىقىدىكى 465 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتىكى 314 ئەزانىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولدى.

مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچكى سايلىمىدا سۇگا 534 بېلەتنىڭ 377 ىسىگە ئېرىشىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغانىدى.

سۇگا 2021 - يىلى 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ سايلامغىچە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كېسىلىنىڭ قايتا قوزغالغانلىقىنى بايان قىلىپ، «دۆلەت باشقۇرۇشتا نەتىجە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قارارلىرىمنى توغرا چىقىرالمايۋاتىمەن» دېگەن ۋە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر