ئامېرىكانىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا ئاسماندىن مىڭلىغان ئۆلۈك قۇش ياغدى

قۇشلارنىڭ كۆچۈش ئەسناسىدا يولدا ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

1491888
ئامېرىكانىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا ئاسماندىن مىڭلىغان ئۆلۈك قۇش ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كەلگەن دوكلاتلارغا قارىتا ئالاقىدار مەسئۇللار ھەرىكەتكە ئۆتتى.

قۇشلار تەكشۈرۈلدى. قۇشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلگەنلىكى تېخىچە كونكېرت شەكىلدە ئېنىقلانمىدى. بىراق بىئولوگلار كالىفورنىيە ۋە باشقا غەرب ئىشتاتلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتىنىڭ  قۇشلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى  بىلدۈرمەكتە.

ئوت ئاپىتىنىڭ قۇشلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى، بالدۇر كۆچۈشكە ئۇلارنىڭ بەدىنى بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا، ياكى قۇشلار ئىس - تۈتەكتىن زەھەرلەنگەن بولىشى مۇمكىنلىكىمۇ يەنە بىر ئېھتىماللىق دەپ قارالماقتا.   

بىئولوگلار يېڭى مېكسىكادا تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىسسىقلىق تېمپېراتۇراسىنىڭ قۇشلارنىڭ يېمەكلىك مەنبەسى بولغان ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر