پەلەستىن ئىككى ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

پەلەستىن ھۆكۈمىتى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ «رايونغا تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى» بىلدۈردى.

1491640
پەلەستىن ئىككى ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمى توغرىسىدا مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئىشغالچى دائىرىلىرى، پەلەستىن خەلقىنىڭ 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى چېگرالىرىنى ئاساس قىلىدىغان، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل ۋە مەڭگۈلۈك دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە پەلەستىندىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى 194 - نومۇرلۇق قارارغا ئاساسەن ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، ئاقسارايدا قىلىنغان ئىشلار رايوننىڭ تىنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. بىز ھېچكىمگە پەلەستىن خەلقى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى بولغان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىش ھوقۇقى بەرمىدۇق ۋە بەرمەيمىز.»

باياناتتا يەنە، «ھەقىقىي مەسىلە ئىسرائىلىيە ئىشغالچى ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەمەس ، بەلكى ئىشغالىيەت ئاستىدا ئازاب - ئوقۇبەت چېكىۋاتقان پەلەستىن خەلقى ئوتتۇرىسىدىدۇر... ئىشغال ئاخىرلاشماي ۋە پەلەستىن خەلقى خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلگەن ھوقۇقلىرىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، بۇ كېلىشىم رايوندا ھېچكىمگە تىنچلىق، ئامانلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. پەلەستىن خەلقى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى چەتتە قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىشغالچى دۆلىتى ئۈستىگە ئالىدىغان خەتەرلىك تەسىرلىرى بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر