گيوڭيۆسى: شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تۈركىيە ھەقلىق

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋېنگىرىيە ۋەكىلى مارتون گيوڭيۆسى، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي ئاقدېڭىز (شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز) مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1491761
گيوڭيۆسى: شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تۈركىيە ھەقلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيەدىكى جوببىك پارتىيەسىدىن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىقىغا سايلانغان گيوڭيۆسى، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا مەسىلىگە ئايلانغان شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى.

گىرېتسىيە ۋە قىبرىسلىق رىملارنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ھەمكارلىق كارتىسىنى ئويناپ، تۈركىيەنى چەتتە قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان گيوڭيۆسى، «بۇ ئىنتايىن ناچار ئىستراتېگىيە. چۈنكى، ئىختىلاپ قانچىلىك چوڭقۇرلاشسا، ۋەزىيەت قانچىلىك ئېغىرلاشسا، ئۇنى ھەل قىلىشمۇ شۇنچىلىك قىيىنلىشىدۇ» دېدى.

خەلقئارا قانۇندا ئاراللارنىڭ دېڭىز چېگرالىرىنىڭ بېكىتىلىشىدە چەكلىك تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن مىساللارنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن گيوڭيۆسى، «بۇمۇ تۈركىيەگە پايدىلىق ۋە ئۆزىگە چەكسىز دېڭىز ساھەسى بېرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان گىرېتسىيە ئۈچۈن زىيانلىق ئەھۋال» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر