بوزقىر ب د ت دىكى خىزمىتىنى باشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى رەئىسى ۋولقان بوزقىر ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى.

1491537
بوزقىر ب د ت دىكى خىزمىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولقان بوزقىر، ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باشلىقى تىججانى مۇھەممەد باندتىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالدى.

بوزقىر، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ ب د ت 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ پىلانلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۈگۈن ماسكىلىرىمىز بىزگە بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىنتايىن ئېغىر بىر تەھدىتنى، بىز يوقىتىپ قويغان ھاياتلارنى، يېڭىشىمىز كېرەك بولغان مەسىلىلەرنى ۋە ھەممىمىزنىڭ بىر پاراخوتتا ئىكەنلىكىمىزنى خاتىرىلەتمەكتە» دېدى.

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قەدەملىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش، خەلقئارا سىستېمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوزقىر، بۇ مەزگىلدە خەلقئارا سىستېما ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شۈبھە پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇ تەنقىدلەرنىڭ تايانچىنىڭ بارلىقىنى، بىراق خاتا يەكۈنلەرنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

دۇنياۋى كىرىزىس بولغان تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى ھەمكارلىقنى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارغا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان بوزقىر، «ھېچقانداق دۆلەت يالغۇز ھالەتتە بۇ تارقىلىشچان زۇكامنى يېڭەلمەيدۇ. ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاش خەلقئارا سەھنىدە ياردەمچى بولمايدۇ. بىر تەرەپلىمە قەدەملەر پەقەت يۇقۇمنى كۈچەيتىدۇ ۋە بىزنى ئورتاق نىشانىمىزدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇ خىل كىرىزىس پەيتلىرىدە، ب د ت نى مەركەز قىلغان كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى » دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىيۇن ئېيىدا ئومۇمىي كېڭەشتە 18 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ تۈركىيەدىن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلىقىغا سايلانغان تۇنجى كىشى بولغان ۋولقان بوزقىر، 2021 – يىلى سېنتەبىر ئېيىغىچە بۇ ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر