يېشىل رايون ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە باشقا بىر قىسىم چەت ئەل ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى جايلاشقان يېشىل رايون راكىتامىيۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1490889
يېشىل رايون ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ يېشىل رايوندىكى باش ئەلچىخانىسىغا يېقىن بىر جاي كاتيۇشا ماركىلىق راكىتامىيۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

پارتلاش ئاۋازى باغدادنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئاڭلانغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن گۈدۈك ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر