ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۇران ئىمپورتىنى قىسقارتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، رۇسىيە دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى - روسئاتوم بىلەن ئامېرىكا يادرو سانائىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رۇسىيەدىن ئۇران ئىمپورت قىلىشنى ئازايتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1490912
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۇران ئىمپورتىنى قىسقارتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، رۇسىيەدىن ئۇران ئىمپورت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدىكى 1992- يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن لايىھە تەييارلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ روسئاتوم بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئەگەر بۇ تۈزىتىش يولغا قويۇلسا، كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنىڭ 2040-يىلغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ئۇرانىغا تايىنىشچانلىقىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىلبۇر روس، ئۆزگەرتىش ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئامېرىكانىڭ يادرو ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ قوغدىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە، رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئۇراننىڭ مىقدارىنىڭ ھازىرقى كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن %20 دىن كەلگۈسى 2 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %17 گە، 2028- يىلى %15 گە تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، تۈزىتىش لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ 28- سېنتەبىرگىچە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ 5- ئۆكتەبىرگىچە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر