ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتچىلەر كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئافرىن ناھىيەسىدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 9 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1490651
ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق 2018 – يىلى يانۋار – مارت ئايلىرى ئارىلىقىدا تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغان ئافرىن ناھىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى؛ ۋەقەدە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 9 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 43 ئادەم يارىلانغان.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلاردىكى پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، قىلمىشلىرى پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزگەچكە ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى، 2019 – يىلى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن چىقىپ كېتىشى كېرەك بولغان تەل رىفات ناھىيەسى ئارقىلىق پات – پاتلا باب، ئازەز، جەرابلۇس ۋە ئافرىن قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر