سۇدان باش مىنىستىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

سۇدان ھۆكۈمىتى، باش مىنىستىر ئابدۇللا ھەمدۇكنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رەسمىي زىيارەت تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1490975
سۇدان باش مىنىستىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەنبەلىرى باش مىنىستىر ھەمدۇكنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يالغان خەۋەرلەرنىڭ دۆلەتكە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەرەب ۋە سۇدان تاراتقۇلىرىدا باش مىنىستىر ھەمدۇك بىلەن مۇستەقىللىق كېڭىشى رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھاننىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان ئىدى.

 

ھەمدۇك بىلەن بۇرھان 2019 - يىلى ئۆكتەبىردىمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 2 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر