كونگودا يۈز بەرگەن ئالتۇن كېنى قازاسىدا ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبى كىۋۇ رايونىدىكى بىر ئالتۇن كېنىدا يۈز بەرگەن قىسمەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 50 ئادەم قازا قىلدى.

1490913
كونگودا يۈز بەرگەن ئالتۇن كېنى قازاسىدا  ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىۋۇ ئۆلكىسى ۋالىيسى تېئو نىگۋابېرا كاسى بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ كامىتۇگا رايونىدىكى بىر كاندا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقەگە، مەزكۇر رايوندا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆلكە ۋالىيسى، ئىككى كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كامىتۇگا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر بۇنديا ھازىرمۇ يەر ئاستىدا قالغان ئىشچى بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەرلىك ئاھالىنى ئىزدەش  - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر