خىتاينى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرى دۇچ كېلىدىغان خەۋپلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

ئاگاھلاندۇرۇشتا، خىتاينى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش، تۇتۇپ قېلىنىش، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش قاتارلىق خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

1491132
خىتاينى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرى دۇچ كېلىدىغان خەۋپلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ۋە خوڭكوڭغا قارىتا ئېلان قىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلاش، ئائىلە ئەزالىرىغا چەت ئەلدىن خىتايغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش، پۇقرالارنىڭ ماسلىشالماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن سودىلىشىش كوزىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە چېگرادىن چىقىشىنى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خىتايدا ياكى خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ۋە ياكى ساياھەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە نازارەتكە ئېلىنىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلىنىپ: « ئامېرىكا پۇقرالىرى ئامېرىكا كونسۇلخانا مۇلازىمىتىگە ياكى ئۆزلىرىگە ئارتىلغان جىنايەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئۇزۇن مۇددەت سوراققا تارتىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشلارغا دۇچار بولۇشى مۇمكىن» دېيىلدى.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:

«خوڭكوڭدا، خىتاي بىر تەرەپلىمە ۋە ئىختىيارى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويماقتا. يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى خوڭكوڭ سىرتىدىكى ئاھالىلەر ۋە تەشكىلاتلار سادىر قىلغان جىنايەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ قولغا ئېلىش، تۇتۇپ قېلىش، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش قاتارلىق خەۋپلەرگە دۇچ كەلمەكتە»

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇش جەريانىدا ئېھتىياتچان بولۇشى ۋە نامايىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بولۇپمۇ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خوڭكوڭنىڭ يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلادەىن باشقا يەنە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا، تور بىخەتەرلىكى ۋە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ جىددىچىلىكلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر